Donation

Your total amount is : 5.00 (Currency: USD)

 

FREE ILHAM TOHTI

 

My ideals and the career path

I was born in 1969 into a Uighur family in Atush City, Kizilsu Kirghiz Autonomous Prefecture, Xinjiang Uighur Autonomous Region (XUAR). I grew up in a government employee residential compound where Uighurs and Hans lived together. My grandfather’s generation was illiterate, but ...[Full text]
 

A Conference on Uyghur crisis and professor Ilham Tohti

Two days before announce the European “Václav Havel Human Rights Prize” 2019,  a “Conference on Uyghur crisis and professor Ilham Tohti” held in Utrich, Netherland, organised by Ilham Tohti Institute … [Full]
 

Interview With Ilham Tohti by Tsering Woeser on 1st Nov 2009

 

Categories

 

Archives

 

Login

 
 

Press release

 
  • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىنىستىتۇتىمىز ئۈستىدىكى رەددىيە باياناتىنى تور بېتىدىن ئۆچۈرۋەتكەنلىكى ھەققىدە

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار! ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى 2020-يىلى 27-ئاپرىل ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش باياناتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەددىيە باياناتى ئېلان قىلغان ئىدى. بىز ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ مەسىلىسى ھەلقىلغۇچلۇق بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ مۇشۇنداق بىر باياناتىنىڭ ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرى، ئىلھام توختى مەسىلىسى ۋە كېلەچەكتىكى ئىلھام توختى ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلەن بىرلىكتە، خەلقىمىز ئىچىدە ئىنستىتۇتىمىزغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىز ناتوغرا دەپ قارىغان مەزكۇر باياناتىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ۋە بۇ ھەقتە خەلقىمىزگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خاتا يېزىلغان باياناتىنى قايتۇرۇۋېلىشى ھەققىدە چاقىرىق: www.ilhamtohtiinstitute.org/?p=596) بىزگە مەلۇم بولدىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆزىنىڭ تور بېتىدىن “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ باياناتىغا رەددىيە” ناملىق باياناتىنى ئېلىپ تاشلاپتۇ. ئاكادېمىيەنىڭ بۇ ئىجابىي قەدىمدىن مەمنۇنمىز. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر مىللىتى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئومۇمىيۇزلۇك مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق تراگېدىيىلىك كۈنلەردە، بىز ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارا ئىناق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، پۈتۈن كۇچ ۋە زېھنىمىزنى ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەتتە خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلشەتۇرۇشنى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقىمىز سەۋەبلىك بۇ ھەقتىكى قانۇنىي جاۋابكارلىق مەسىلىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش قەدىمىمىزنى توختىتىشنى قارار قىلدۇق. مانا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنداشلىرىمىزغا بۇ ئەھۋالنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ قارايمىز، ۋاقىپ بولغايسىلەر. ھۆرمەت بىلەن:ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ئىدارە ھەيئىتى 2020-يىلى 10-ماي

     
  • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خاتا يېزىلغان باياناتىنى قايتۇرۇۋېلىشى ھەققىدە چاقىرىق

    ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى 2020-يىلى 27-ئاپرىل ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش باياناتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 2016- يىلى قۇرۇلغان «ئىلھام توختى ھەرىكىتى» گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئېنگلىزچە باياناتنىڭ «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» تور بېتىدە قايتىدىن ئېلان قىلىنىش مەسىلىسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان تەنقىدلەر ئۈچۈن، بۇ باياناتتىنىڭ ئىنستىتۇت تور بېتىگە چاپلاپ قويۇلغانلىقىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى تەن ئېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا بۇ خاتالىق دەرھال ئۆزگەرتىلدى ۋە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىم جىددىي يوسۇندا بۇ ئىش ئۈچۈن خەلقىمىزگە چۈشەنچە بەردى ۋە كەچۈرۈم سورىدى. ئەمما مەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن بۇ ئىشنىڭ خاراكتېرى مەقسەتلىك بۇرمىلىنىپ، مۇنازىرە خاتالىقتىن چەتنىگەن ھالدا تۆھمەت تۈسىنى ئېلىشقا ۋە شەخسىيەتكە ھۇجۇم قىلىش ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغاندا، تۈركىيىدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى» دىن بېرىلگەن «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ باياناتىغا رەددىيە» ناملىق باياناتى تېخىمۇ كۆپ ئۇقۇشماسلىق ۋە تۆھمەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول ئېچىپلا قالماستىن، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى سەۋەبلىك ئېرىشكەن مۇكاپاتىنىڭ خاراكتېرىنى باياناتتىكى ئىلھام توختىنىڭ ئۆز سۆزى بولغان ئىبارىلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش بىلەن بىللە ئۆزگەرتىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۈستىدىكى خىتاينىڭ تۆھمىتىگە قانۇنىي ئاساس سېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىنىڭمۇ قىممەت ۋە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بەرگەن باياناتىدا: «يۇقۇرىدىكى ئىپادىلەر ئەسلا ئىلھام توختىنىڭ ئىديەسىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىلھام توختى ئىنستىتۇ غا ئوچوق-ئاشكار تۆھمەت چاپلىغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ قىلمىشى ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى، ئىنسان ھەقلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرىنى، مۇستەقىللىق كۆرۈشىگە ئايلاندۇرۇپ، تىنچلىق بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى سەۋەبلىك خىتاي زىنداندا ئۆمۈرلۈك قامىلىشقا مەھكۇم بولغان ئىلھام توختى ئەپەندىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا قايتىدىن ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن قارىلىشىغا ۋە شۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئىلھام ئەپەندىمگە بەرگەن مۇكاپاتلىرىنى تەنقىدلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋالىرىنى ھەقسىزلاشتۇرۇش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى جەملەنگەن بىر ئىجتىمائىي ۋە ئىملىي تەشكىلات بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىغان يەنى «خىتاي دۆلىتىدە خىتايلار بىلەن ئىناق […]

     
  •  
  • ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بايانات

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز يۇرتداشلار! ئاۋال ھەممىڭلارغا تەن ساقلىق ۋە ئامانلىق تىلەيمەن. سىلەرنىڭمۇ خەۋىرىڭلار بولغىنىدەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكار قەھرىمانى، ئەزىمىتى پروفېسسور ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋرۇپالىق بىر نەچچە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىدىغان دوستلارنىڭ قوللىشى بىلەن، بۈگۈندىن 4 يىل بۇرۇن «ئىلھام توختى ھەركەت گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىققان ئىدىم. ئۆتكەن 4 يىل مابەينىدە، ئىچكى قارشىلىقلارغا ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەستىن، ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمىز نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەۋرىمىزدىكى ۋىجدانى بولغان ئىلھام مۇئەللىم بىر نەچچە خەلقئارالىق مۇھىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ مۇكاپاتلار شۇنداقلا، ئىستىبدات خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى پاش قىلىشقا ۋە خەلقىمىزنىڭ ھەقلىق ھوقۇق داۋاسىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە تېخىمۇ كەڭ ھېسداشلىققا سازاۋەر بولۇشىغا ھەسسە قوشتى! بۇ جەرياندا كۆپلىگەن زىيالىلىرىمىز، ئىلھام توختىنىڭ كەسپداشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، مۇئەللىمنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى ئۇچۇن ئېلىپ بارغان كۈرەش يوللىرىنى خەلقىمىزگە، بولۇپمۇ كەلگۈسىمىزنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ياش ئەۋلادلىرىمىزغا ياخشىراق تونۇشتۇرۇش تەشەببۇس ۋە تەلەپلىرىگە جاۋابەن، ئىلھام توختى ھەركەت گۇرۇپپىسى ئۆز نامىنى  ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى دەپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدۇق.  بىز ئىلھام توختى ھەرىكتى نامى ئاستىدا بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىمىزدە ئىلھام مۇئەللىم ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، سۆيۈملۈك ئائىلىسىنى، ھاياتىنى پىدا قىلىپ، نېمە ئۇچۇن خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىنداندا ئۆمۈرلۈك قامىلىپ يېتىشتەك خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغانلىقىدەك جاسارىتىنى چۈشىنىش، خەلقىمىزگە ۋە دۇنياغا چۈشەندۈرۈش يوللىرىدا ھەركەت قىلىپ كەلدى.   ئىلھام توختىنىڭ بىزگە يېزىپ قالدۇرغان قىممەتلىك يازما ئەسرلىرىدىن خەلقى ئۇچۇن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نىمىلەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، پىكىر-تەكلىپلىرىنىڭ 21- ئەسىردە خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى – قىسمەتلىرى نۇقتىسىدىن ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يورۇتۇشقا تىرىشتۇق ۋە مۇندىن كېيىن تېخىمۇ كوپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز. بىز بۇ ساھەلەردە تۈرلۈك تىللاردا كىتابلارنى نەشر قىلىش، خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش، ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ, ئىلھام توختىنىڭ باسقان كۈرەش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ مەپكۈرىسىنى ياش ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇشقا بارلىق كۇچ ۋە ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن ھەركەت قىلىمىز.  بىز ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى نامىدىن خەلقىمىزنىڭ – بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى قوللىشىنى، بىزگە ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىي تەلەپ ۋە تەكلىپلىرىنى بېرىپ تۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقلىق ھوقۇق داۋاسىنى خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ […]

     
  • P R E S S R E L E A S E / 27 April 2020

    Ilham Tohti Institute 27/4/2020______________________________________________________________________________ Address: Ilham Tohti InstituteC/o. Enver Can Eichenstrasse 19, 85235 OdelzhausenGermany Topic:    Ilham Tohti Institute For Immediate Release (CET) With this press release, we are kindly informing you that the name of the Ilham Tohti Initiative is being changed to the Ilham Tohti Institute (ITI in abbreviation) to engage with the media, research and publication. The Ilham Tohti Initiative, was officially established on the 6th of August 2016 in Germany. So far the Initiative, among other activities has nominated Prof. Ilham Tohti for many international human rights awards, including the “Sakharov Freedom of Thought Award“ of the European Parliament. The newly formed Ilham Tohti Institute is a non-governmental NGO organisation named after the unjustly imprisoned Uyghur academic Professor Ilham Tohti. The multi-national entity is open to anyone regardless of nationality, ethnicity and religious affiliation, who agrees with Tohti’s ideas and shares his vision. The Ilham Tohti Institute has the goal to promote Ilham Tohti’s ideas and make them into a reality. The ITI will promote them internationally as an instrument to help achieve freedom, equality, democracy, peace and stability for the Uyghur people. To achieve these goals, the ITI will hold international seminars and conferences, make research, publish statements, brochures, books and other printed materials, engage in advocacy work and cooperate with various international bodies, including democratic governments, relevant UN agencies and NGOs, national and local Parliaments to seek their support and solidarity. In scientific and cultural events, the public is to be made aware of the Uyghur people and their present critical human rights situation in China and these interests must be aroused. In this regard, scientists, politicians, writers, activities and artists will provide lectures and other events to draw attention to the culture of the Uyghur’s and their achievements in various fields.  We will campaign for the immediate […]

     
  •  
  • Mission Statement