Donation

Your total amount is : 5.00 (Currency: USD)

 

FREE ILHAM TOHTI

 

My ideals and the career path

I was born in 1969 into a Uighur family in Atush City, Kizilsu Kirghiz Autonomous Prefecture, Xinjiang Uighur Autonomous Region (XUAR). I grew up in a government employee residential compound where Uighurs and Hans lived together. My grandfather’s generation was illiterate, but ...[Full text]
 

A Conference on Uyghur crisis and professor Ilham Tohti

Two days before announce the European “Václav Havel Human Rights Prize” 2019,  a “Conference on Uyghur crisis and professor Ilham Tohti” held in Utrich, Netherland, organised by Ilham Tohti Institute … [Full]
 

Interview With Ilham Tohti by Tsering Woeser on 1st Nov 2009

 

Categories

 

Archives

 

Login

 
 

Post Tagged with: "ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى،"

 
  • ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى

    ئىلھام توختى ئەپەندىم ئۆز قولى بىلەن قۇرغان ئۇيغۇر بىز تورى، ئىلھام توختى باشلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن خىتايغا، بۇ ئارقىلىق دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاڭلىتىدىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن، چەكلىك ئىمكان ئىچىدە، قەلەم بىلەن كۈرەش قىلغان ئەڭ ئالدىنقى سەپ ئىدى. بۇ تور بېكىتى 2014-يىلى يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندىم قولغا ئېلىنغىچە نەچچە قېتىم تاقىلىپ، نەچچە قېتىم ئېچىلىپ، قاراڭغۇلۇق قاپلىغان خىتاي ئىنتېرنېت تورىدىكى خەلقىمىزگە يول كۆرسەتكۈچى، ئۈمىت بېغىشلىغۇچى نۇرلۇق ماياك بولۇپ كەلگەن. بۇ تور بېكىتىگە يەرگە ئىلھام توختى ئەپەندىم باشلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن، قورقماستىن، دادىللىق بىلەن يازغان ئوتلۇق يازمىلىرى، نەزەرىيىۋى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرى، ئىنتېرنېت دۇنياسىدىن توپلىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ھەر ساھەگە ئائىت قىممەتلىك يازمىلار توپلانغان. ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ بۇ قىممەتلىك مەنىۋى مىراسىنى، خەلقىمىز ۋە ئىلھام توختى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشغا سۇنۇش ئۈچۈن، ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتىمىز ئامېرىكادىكى كومپۇتېر مۇتەخەسسىسى ئابلىز مەخسۇت ئەپەندىمنىڭ باشچىلىغىدا بىر گۇرۇپپا پىدائىي يىگىت-قىزلىرىمىزنى تەشكىللەپ، يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت تىرىشىش ئارقىلىق بۇ تور بېكەتتىكى ئاساسلىق ماقالىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىدى. ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ماقالە جەمئىي 3533 پارچە بولۇپ، 2006-يىلىدىن 2013-يلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان تۈرلۈك تېمىدىكى ماقالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تور ئارخىۋى تور بېكىتىدە ساقلىنىپ قالغان، ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىگە ئائىت ماتىرىياللار ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بەزى ماقالىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسىملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۈمكىن بولمىدى، يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم يازمىلارنى تولۇق پېتى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدۇق. شۇنداقتىمۇ بۇ ھازىرغىچە، بىر قەدەر تولۇق بولغان ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ كۆپەيتىلگە بىر نۇسخسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىنىستىتۇتىمىز ئابلىز مەخسۇت باشلىق پىدائىي يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ يېڭى ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 6 يىلدىن بېرى ختاي تۈرمىسىدە ناھەق ئازاپ تارتىۋاتقان ئىلھام توختى ئەپەندىمنى بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىنىستىتىمىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى ئۈمىت قىلىدۇ.ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ تور ئادرېسى: https://www.uyghurbiz.org ئىنىستىتۇتىمىز خەلقىمىزنىڭ يېڭى «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى […]