Post Tagged with: "Uyghurche"
-
ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى باياناتى ھەققىدە ئىزاھات
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم يۇرتداشلار! مەن تۆۋەندە، پۈتكۈل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە سەمىمىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى، مەۋجۇت “ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى” نى ئىنستىتۇتقا ئايلاندۇرۇش توغرۇلۇق بېرىلگەن باياناتنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسىدا خاتالىققا يول قويۇلغانلىقىنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقىنى مەن ئەنۋەرجان، ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن! مەلۇم بولغاندەك، مەن 2016- يىل ئىلھام مۇئەللىمنىڭ مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جەلب قىلىشنى كۆزدە تۇتقان ئىدىم. شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ئۇنىڭ دۇچ كەلگەن ئاقىۋىتىنى تەرغىپ ۋە تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ياۋرۇپالىق ئۇيغۇر دوستلىرى سەپداشلىرىمنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئىلھام توختى ئۆزى ئەينى ۋاقىتتا ئېيتقان سۆزلەرنى تور سەھىپمىزدە نەشىر قىلغان ئىدۇق. بىلىنگەندەك، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئىلھام ئەپەندىمنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، قانۇننىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىنى تەرغىپ قىلغىنى سەۋەپلىك خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز تۈرمە جازاسىغا كېسىلگەنلىكى ئۈچۈن، ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەم خەلقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى ئۇچۇن ئۆزىنى پىدا قىلغان ئۇيغۇرنىڭ بۇ قەھرىمانىنى خەلقئارالىق كاتتا مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلىدى. دەرھەقىقەت، بۇ مۇكاپاتلار بىلەن بىزنىڭ ھەقلىق داۋايىمىزنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا سازاۋەر بولغانلىغىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر. بىراق، يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان مىليونلىغان خەلقىمىز خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان، خەلقىمىز ئومۇمەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ، ئۆز ۋاقتىدا ئىلھام مۇئەللىم ئېيتقاندەك بىرلىكتە ياشىشى ۋە ئاتالمىش ئاپتونومىيە ھوقوقلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى بۈگۈنكى رىئاللىققىمىزغا توغرا كەلمەيدۇ. مەن بۇنىڭدىن 3 كۈن ئىلگىرى يەنى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى “ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى” نىڭ نامىنى “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” غا ئۆزگەرتمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى خەلقىمىزگە ئۇقتۇرۇش مەقسىتىدە باياناتنامە ئېلان قىلغان. بۇ ئېلانلارنىڭ ئۇيغۇرچە باياناتىنى يېڭىدىن يېزىپ، ئېنگىلىزچىسىنى بولسا ئەتراپلىق ئويلىشىپ تەييارلىغىچە، كونا تور بېكىتىمىزدە 2016-يىلى نەشىر قىلىنغان ئېنگلىزچە تەييار باياناتىمىزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، ئۇنىڭ تېمىسىغا ئىسىم ئۆزگەرتكەنلىكىمىز توغرۇلۇق بىر ئابزاسنى قوشقان ۋە بۇ باياناتىنى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئورگان تور بېكىتىدە نەشىر قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، تور باشقۇرغۇچىمىز ۋە ئىنستىتۇتنىڭ كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىگە ئەۋەتكەن ئىدىم. ئىنىمىز ئەزىز ماڭا ئىشەنگەنلىكى ئۇچۇن، مەزمۇنىنى سىنچىلاپ تەكشۈرۈپ ئولتۇرمايلا، بۇ مەتبۇئات بىلدۈرگىنى شۇ پېتىچە تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلغان […]