Donation

Your total amount is : 5.00 (Currency: USD)

 

FREE ILHAM TOHTI

 

My ideals and the career path

I was born in 1969 into a Uighur family in Atush City, Kizilsu Kirghiz Autonomous Prefecture, Xinjiang Uighur Autonomous Region (XUAR). I grew up in a government employee residential compound where Uighurs and Hans lived together. My grandfather’s generation was illiterate, but ...[Full text]
 

A Conference on Uyghur crisis and professor Ilham Tohti

Two days before announce the European “Václav Havel Human Rights Prize” 2019,  a “Conference on Uyghur crisis and professor Ilham Tohti” held in Utrich, Netherland, organised by Ilham Tohti Institute … [Full]
 

Interview With Ilham Tohti by Tsering Woeser on 1st Nov 2009

 

Categories

 

Archives

 

Login

 
 

Post Tagged with: "ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ نىشانى"

 
  • ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ نىشانى

    ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى (ITI) ئاممىۋىي تەشكىلات بولۇپ، ناھەق تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر ئاكادېمىكى پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ نامىغا قۇرۇلغان. ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە سولىنىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تىنچلىق ۋە دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئالدىدىكى كەمسىتىلمىگەن باراۋەر  پۇقرالىق ھوقۇقىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش، كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان خىتاينىڭ خەن پۇقرالىرى بىلەن قانۇنى ئالدىدا تەڭ باراۋەر ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزلىپ كېلىنىۋاتقان ئىرقىچىلىق، تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىكلەرنى، ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خىتاي خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدا تۈرلۈك تەتقىقات ۋە ئاكتىپ ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.  ئىلھام توختى ئەپەندى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى دادىللىق بىلەن سۇنغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئادالەتسىز سوتقا تارتىلىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.   ئىنستىتۇتىمىز پروفېسسور ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى، جىددىي ۋە تەخىرسىز بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا قىلغان خىزمەتلىرىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش، شۇنداقلا، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؛ ئىنستىتۇتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى باياناتنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن بارلىق  ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەكشۈرۈش ۋە خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارىلاش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى پائال تۈردە ئېلىپ بارىدۇ؛ ئىلھام توختى ئەپەندىم قۇرغان «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بۇ تور بېكەتكە قويۇلغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئېنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ، تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىنىدۇ؛  ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش –پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس كىتاب ۋە ژۇرناللارنى نەشىر قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىلھام توختىنى ۋە نۆۋەتتىكى جىددى بولۇۋاتقان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تراگېدىيەسىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دائىر ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇر مەنبەسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات ۋە مەلۇماتلارنى دۇنياغا سۇنۇشنى نىشان قىلىدۇ.