FREE ILHAM TOHTI

 

My ideals and the career path

I was born in 1969 into a Uighur family in Atush City, Kizilsu Kirghiz Autonomous Prefecture, Xinjiang Uighur Autonomous Region (XUAR). I grew up in a government employee residential compound where Uighurs and Hans lived together. My grandfather’s generation was illiterate, but ...[Full text]
 

A Conference on Uyghur crisis and professor Ilham Tohti

Two days before announce the European “Václav Havel Human Rights Prize” 2019,  a “Conference on Uyghur crisis and professor Ilham Tohti” held in Utrich, Netherland, organised by Ilham Tohti Institute … [Full]
 

Interview With Ilham Tohti by Tsering Woeser on 1st Nov 2009

 

Categories

 

Archives

 

Login

 

FREEDOM FOR ILHAM TOHTI !

 
 

Post Tagged with: "ئىلھام مۇئەللىم ۋە مىللىي سىياسەت"

 
  • ئىلھام مۇئەللىم ۋە مىللىي سىياسەت

    ئەردەم ئەردەم ئ‍ىلاۋە: ئىلھام مۇئەللىم ماڭا ئالىي مەكتەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىدىن ئىككى مەۋسۇم دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچۇم بولۇپ، مەن ئۇنىڭ جاسارىتى، پاراسىتى ۋە خەتەرگە تولغان ھايات سەمەرىسىگە شاھىت بولغان. ئىلھام توختى مۇئەللىم ئۆمۈرۋايەت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىق  خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇئەللىمنىڭ بىر ماقالىسىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. ماقالە خىتاينىڭ  مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدا بولۇپ، ئاتالمىش ئا سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى ماھىيىتىدىن ئىيىتقاندا مۇستەملىكە رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان بولغاچ،  مەن مەزكۇر ماقالىدە توغرىسى بويىچە «يەرلىك مىللەت» دەپ ئالدىم.  خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى بىرىنجى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئىككىنجى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈش مۇمكىن. بىرىنجى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى دىگەندە، خىتاي كومپارتىيەسى سوۋىت ئىتتىپاقىنى ئۈلگە قىلىپ، مۇستەملىكە رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرنى باشقۇرۇشنى ئ‍اسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىللىي ئاپتونومىيەلەرگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىش سىياسىتى بولۇپ،  كومونىزىم نۇقتىنەزىرىگە ئاساسەن مىللىي مەسىلىلەرنى نامراتلىقتىن كىلىپ چىققان قورساق مەسىلىسى دەپ قارايدۇ ۋە خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن باي قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىل- مەدەنىيەت، ئەنئەنە، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قىلىش،  مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قوغداش  ۋە قسىمەن ئىتىبار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.   ئىككىنجى ئەۋلاد سىياسەت بولسا مىللىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ، مىللىي پەرقلەرنى ئازايتىپ، مىللەتلەر ئارا سېڭىشىش، بىرلىشىشنى تىزلىتىپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنى شەكىللەندۈرۈش، ھەرقانداق شەكىلدىكى يەرلىك مىللەتچىلىكنى قەتئىي چەكلەپ، دۆلەتچىلىك ئېڭىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئىككىنجى ئەۋلاد سىياسەتنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىلىرىدىن چىڭخۇا ئۇنىۋىرسىتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى، خىتاينىڭ «دۆلەت ئۇستازى» ئاتالغان خۇ ئەنگاڭ ۋە بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتى جەمىيەتشۇناسلىق پىروففىسورى مارۇڭ قاتارلىقلار بار. بۇ ئىككى خىتاي يەنە ئىككىنجى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە بىر ئاز پەرقلىق پىكىرگە ئىگە بولۇپ، مارۇڭ «56 مىللەت دىمەستىن «جۇڭخۇا مىللىتى» دىيىشنى،  56 مىللەتنى بولسا 56 ئىتنىك گۇرۇپ دەپ  ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ گەرچە مۇستەملىكە رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئاپتونومىيە ھوقۇقى، تۇغۇت چەكلەشتىكى ئىتىبار سىياسەتلەر ۋە مىللىي پەرقلەرنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، خىتاي شوۋىنىزىمىنى رەت قىلغان. خۇ ئەنگاڭنىڭ تەشەببۇسى بولسا  پوپۇلەرىزىم، مىللەتچىلىك،  شوۋىنىزىم ۋە ئاتالمىش «تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇش» ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ،  يوشۇرۇن فاشىستىك ئىدىيەگە ئىگە. ئۇنىڭ رادىكال تەكلىپلىرى گەرچە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن كۆرۈنۈشتە رەت قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى خۇ ئەنگاڭ […]