Post Tagged with: "ITI Press release"
-
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خاتا يېزىلغان باياناتىنى قايتۇرۇۋېلىشى ھەققىدە چاقىرىق
ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى 2020-يىلى 27-ئاپرىل ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش باياناتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 2016- يىلى قۇرۇلغان «ئىلھام توختى ھەرىكىتى» گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئېنگلىزچە باياناتنىڭ «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» تور بېتىدە قايتىدىن ئېلان قىلىنىش مەسىلىسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان تەنقىدلەر ئۈچۈن، بۇ باياناتتىنىڭ ئىنستىتۇت تور بېتىگە چاپلاپ قويۇلغانلىقىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى تەن ئېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا بۇ خاتالىق دەرھال ئۆزگەرتىلدى ۋە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىم جىددىي يوسۇندا بۇ ئىش ئۈچۈن خەلقىمىزگە چۈشەنچە بەردى ۋە كەچۈرۈم سورىدى. ئەمما مەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن بۇ ئىشنىڭ خاراكتېرى مەقسەتلىك بۇرمىلىنىپ، مۇنازىرە خاتالىقتىن چەتنىگەن ھالدا تۆھمەت تۈسىنى ئېلىشقا ۋە شەخسىيەتكە ھۇجۇم قىلىش ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغاندا، تۈركىيىدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى» دىن بېرىلگەن «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ باياناتىغا رەددىيە» ناملىق باياناتى تېخىمۇ كۆپ ئۇقۇشماسلىق ۋە تۆھمەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول ئېچىپلا قالماستىن، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى سەۋەبلىك ئېرىشكەن مۇكاپاتىنىڭ خاراكتېرىنى باياناتتىكى ئىلھام توختىنىڭ ئۆز سۆزى بولغان ئىبارىلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش بىلەن بىللە ئۆزگەرتىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۈستىدىكى خىتاينىڭ تۆھمىتىگە قانۇنىي ئاساس سېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىنىڭمۇ قىممەت ۋە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بەرگەن باياناتىدا: «يۇقۇرىدىكى ئىپادىلەر ئەسلا ئىلھام توختىنىڭ ئىديەسىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىلھام توختى ئىنستىتۇ غا ئوچوق-ئاشكار تۆھمەت چاپلىغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ قىلمىشى ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى، ئىنسان ھەقلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرىنى، مۇستەقىللىق كۆرۈشىگە ئايلاندۇرۇپ، تىنچلىق بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى سەۋەبلىك خىتاي زىنداندا ئۆمۈرلۈك قامىلىشقا مەھكۇم بولغان ئىلھام توختى ئەپەندىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا قايتىدىن ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن قارىلىشىغا ۋە شۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئىلھام ئەپەندىمگە بەرگەن مۇكاپاتلىرىنى تەنقىدلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋالىرىنى ھەقسىزلاشتۇرۇش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى جەملەنگەن بىر ئىجتىمائىي ۋە ئىملىي تەشكىلات بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىغان يەنى «خىتاي دۆلىتىدە خىتايلار بىلەن ئىناق […]

